Uyghurئاساسىي لۇغەت
دېھلى مۇداپىئە ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
1857-يىلدىكى ھىندىستان مىللىي قوزغىلىڭىدا قوزغىلاڭچى ھەربىي - خەلقنىڭ پايتەخت دېھلىنى قوغداش يۈزىسىدىن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. 1857-يىل 5-ئاينىڭ 11-كۈنى مېرۇت باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچى قىسىم دېھلىغا يېتىپ بارغاندا شەھەر ئىچىدىكى ھەربىيلەر ۋە خەلق دەرھال ئاۋاز قوشقان. دېھلى ئازاد بولغان ۋە قوزغىلاڭ مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 7-ئاينىڭ باشلىرىدا دېھلىدىكى قوزغىلاڭچى قوشۇن 40 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ دۈشمەن ئارمىيىسىنى ئارقىمۇ ئارقا زىيانغا ئۇچراتقان. 9-ئاينىڭ بېشىدا ياردەمگە كەلگەن ئەنگلىيە قوشۇنى كەينى - كەينىدىن يېتىپ كەلگەن. 14-كۈنى ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىغان. شەھەرنى قوغداپ ياتقان ئارمىيە ۋە خەلق جەڭگە ئاتلانغان. 18-كۈنى ئەنگلىيە قوشۇنى لاھور دەرۋازىسىدىن بېسىپ كىرگەندە، قوزغىلاڭچى ئارمىيە ۋە خەلق دۈشمەنگە قارشى قاتتىق جەڭ قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن ئارمىيىسىنىڭ 5000 دىن ئارتۇق ئادىمىنى ئۆلتۈرگەن ۋە يارىدا قىلغان. 19-كۈنى كېچىدە، بۇئېنلىك قوزغىنى قولدىن كەتكەن. قوزغىلاڭچى ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى خان بەختىخان قىسمىنى باشلاپ پايتەختتىن چىقىپ كەتكەن. 20-كۈنى پۈتۈن شەھەر قولدىن كەتكەن.