Uyghurئاساسىي لۇغەت
دېھلى جامەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھىندىستاندىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى دېھلىدىكى قىزىل قەلئەگە ئۇدۇل. بۇ جامەنى موغۇل سۇلالىسىدىكى شاھ جاھان (1627 - يىلىدىن 1658 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) 1644 - يىلى سالدۇرغان. ھويلا شەكىلدىكى ئىمارەت بولۇپ، بىر مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئۇل ئۈستىگە سېلىنغان. مەسچىتنىڭ شەرق، جەنۇب، شىمال تەرەپلىرىگە دەرۋازا قويۇلغان؛ دەرۋازىلارنىڭ ئالدىغا كەڭ پەلەمپەيلەر ياسالغان. دەسلەپكى چاغلاردا قەلئەگە ئۇدۇل كېلىدىغان شەرقىي دەرۋازىدىن ئوردىدىكىلەر پايدىلانغان. پۇقرالار جەنۇب ۋە شىمال دەرۋازىلار بىلەن كىرىپ چىققان. دەرۋازىلار بىلەن كىرىپ چىققان. دەرۋازىلار بىلەن نامازخانا ئوتتۇرىسىدا 100 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان ھويلا بولۇپ، ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كۆل ياسالغان. ھويلىنىڭ ئۈچ تەرىپىدە كارىدور بار. نامازخانىنىڭ كەڭلىكى 60 مېتىر، ئېگىزلىكى 27 مېتىر كېلىدۇ. غەرب تەرەپتىكى تامدا مېھرابسىمان دەرۋازا كارىدورى بار، ئۈستىگە غايەت چوڭ ئاق گۈمبەز سېلىنغان. گۈمبەزلەرگە قارا ۋە قىزىل تاشلار بىلەن نەقىش چىقىرىلغان. مەسچىتنىڭ تۆت تەرىپىدە 30 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئۇچلۇق مۇنارلار بولۇپ، ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مەسچىت ئىچىدىكى ئىمام تۇرىدىغان جايدا ئاق مەرمەر تاش بولۇپ، سەھەر ئاپتىپىدا بۇ مەرمەر تاش قىزىلگۈل رەڭگىدە كۆرۈنىدىكەن. ھازىر بۇ تاش يۆتكەپ كېتىلگەن. 1857 - يىلىدىكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى جەريانىدا ئىنگىلىزلار بۇ مەسچىتنى ۋەيران قىلىۋەتمەكچى بولغان. 1862 - يىلىدىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان جايى قىلىندى.