Uyghurئاساسىي لۇغەت
دەئۋا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
دەۋا، دەۋا - دەستۇر؛ دەۋا قىلىش. ھەق تەلەپ قىلىش؛ ئىسپاتلاش، دە تالاش:
يۈزۈڭ تا پەردەدىن زاھىر بولۇپتۇر،
سەنەملەر ھۇسىن دەۋئۋاسىن قويۇپتۇر.
ئاتايى.
ئىشقلىغ دەئۋاسى قىلسە ھەر كىشى بۇدۇر جەزا،
قەتل ئېتىپ ئەيلەڭ تەماشانى ئۇلۇس غەۋغاسىغە،
موللا سالېھ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تالاشماق؛ ئۇرۇشماق؛ ئەرز قىلماق؛ تەشەببۇس، تەلەپ، دەۋا.