Uyghurئاساسىي لۇغەت
دە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يۈكلەنمە
قوشما جۈملىنىڭ ئالدىنقى بۆلىكىنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىپ، كېيىنكى بۆلەكتە ئىپادىلەنگەن ھەرىكەتنىڭ تېزدىن ئىشقا ئاشقانلىقى ياكى ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ ھارۋىدىن چۈشتى - دە، ئۆيگە قاراپ چاپتى.
جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئىشنىڭ ماختاش، قايىل بولۇش، سۆيۈنۈش تەرزىدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ناخشا دېگەننى سويىدۇ - دە، بۇ قىز.
جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئىشنىڭ ئۆكۈنۈش، ئەپسۇسلىنىش تەرزىدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، بۇ مال قولدىن چىقىپ كېتىدىغان بولدى - دە.
جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئىشنىڭ ئەيىبلەش، تاپا قىلىش تەرزدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ساقىلىڭغا ئاق كىردى، تېخى ئادەم بولمىدىڭ - دە.
گەپكە سوئال تۈسىنى بېرىدۇ.
بۇ ئاياغدىن سىزمۇ بىر كىشىلىك ئاپسىز - دە؟
جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئىشنىڭ ئارزۇ، ئىستەك تەرزدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
مۇزدەك سۇ بولغان بولسا قانغۇچە ئىچەتتى - دە، كىشى.
جۈملىدە ئىپادىلەنگەن چۈشەنچىنىڭ يېڭى ھاسىل بولغانلىقىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.
بۇ پىتنە - پاسات سۆزلەرنى سەن يېيىپ يۈرۈپتىكەنسەن - دە.
جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئىشنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى كۈچەيتىش تەرزدە ئېيتىلىدۇ.
ئۇمۇ جان بېقىش ئۈچۈن ئوقەت قىلىشى لازىم - دە.
جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئىشنىڭ بولغىنىچىلا ئورۇندىلىشىنى بىلدۈرىدۇ.
تاڭنى ئاتقۇزدۇق - دە، بىر ئامال قىلىپ.
جاۋاب بەردىم - دە، بىر نېمىلەرنى دەپ.