Uyghurئاساسىي لۇغەت
دەستەك
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
چاۋاك؛ ھېساپ دەپتىرى، تۇتقۇ، ساپ؛ بۇيرۇق، ئۇقتۇرۇش، پەرمان. دەستەك زەدەن - چاۋاك چېلىش؛ دەستەكچى - ئالاقىچى، ئۇقتۇرۇش يەتكۈزگۈچى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
تۇتقۇچ، ساپ، دەستە.
كۆچمە. قولدا ئاساس بولىدىغان دەلىل، سەۋەب، ۋاسىتە؛ باھانە.
بۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر دەستۇردىن دەستەك تېپىش ھاجەت ئەمەس.
يېزت. قولدا ئېلىپ يۈرىدىغان ياكى ئاساس قىلىپ ساقلايدىغان ھۆججەت، يارلىق، بۇيرۇق.
خان ئۇنىڭغا ئۆز قولى بىلەن ئەسكەر يۆتكەش دەستىكى تەقدىم قىلغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئاياغ كىيىمىنىڭ پاشنىسىغا چاپلانغان، باشلىققا ئۇلاپ تىكىلىدىغان قىسمى.
دەستەك تىكمەك.