Uyghurئاساسىي لۇغەت
دەستە
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. ساپ، تۇتقۇچ، ساپاق.
كەتمەن دەستىسى.* قەلەم دەستىسى.* كۈرەكنىڭ دەستىسى.* پىچاق ئۆز دەستىسىنى كەسمەيدۇ ( ماقال ).* يوقالغان پىچاقنىڭ دەستىسى ئالتۇن ( ماقال ).
2. بەزى چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ پەردە باغلىغان ئۇزۇن تۇتقۇچى. ساتار دەستىسى.* دۇتار دەستىسى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدار سۆز
باغلام، تۇتام، تىزىق، قاتلام.
بىر دەستە گۈل ( گۈل دەستە ).* بىر دەستە نان.
ھەر ئىشتا ئىنسان كۆرسەتسە ھىممەت،
تىكەنمۇ گۈل دەستە بولار ئاقىۋەت.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تۇتقۇچ، دەستە، ساپ؛
بىر تۇتام، بىر توپ، بىر دەستە گۈل:
مەسخىرە:
2. قىلىپ گۈلنى يىگىتلەر بەستە - بەستە،
يېبەرۈر مەئىشۇقىغە دەستە - دەستە.
خىرقەتى.
3. جىلۋەگەر ئول كۆزگۈدە جان سۈرەتى،
دەستە بولۇپ ئاڭا ئارىغ ھەيئەتى.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ساپ، ساپاق، تۇتقا، باغلام، تۇتام، توپ: جىغا: دەستە بەدەستە - باغلام - باغلام؛ بىر دەستە گۈل - بىر باغلام گۈل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەستىلەنگەن بىر ئورام گۈل.
بىر تال گۈلدىن دەستە چىقماس. ئەزىز مېھمانغا گۈل دەستە تەقدىم قىلىش ھۆرمەتلىگەنلىك قىلغاندا ياكى تۇغۇلغان كۈننى خاتىرىلگەندە گۈل دەستە تەقدىم قىلىش بولۇۋاتىدۇ، نېمىدېگەن ياخشى!
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاساس قىلشقا بولىدىغان نەرسە.
.ئۆتكەندە بولۇپ ئۆتكەن بىرەر ئىشنى دەستەك قىلىپ، كىشىگە زەربە بېرىش رەززىللىك. « سىنپىي كۈرەشنى تۇتقۇ قىلىش » خېلى پاراكەندىچىلىك تۇغدۇردى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەسۋاب - سايمانلارنىڭ قول بىلەن تۇتىدىغان يېرى.
سېپى ئۆزىدىن. پۇچۇق قوشۇقنىڭ سېپى تەگمەك. تۇتقۇدەك سېپى يوق، قىچارغۇدەك ئېتى. تۇخۇمغا تۇتقۇچ كەتمەيدۇ. سېۋەتنىڭ بېغى چىڭ بولسۇن. ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت. قۇلاقنى نەدىن چىقارسا قازانچىنىڭ ئىختىيارى. جولدىسى سۇنغان پالتا كېرەككە كەلمەيدۇ. پىچاق دەستىسىنى كېسەلمەيدۇ. يىتكەن پىچاقنىڭ دەستىسى ئالتۇن. چۆگۈننىڭ تۇتقۇسى قىزىپ كېتىپتۇ. ئىشىكنىڭ تۇتقۇسىنى تۇت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ھەر خىل ئەسۋابلارنىڭ قول بىلەن تۇتىدىغان قىسمى؛ ساپ.
كەتمەن دەستىسى. قامچا دەستىسى. پىچاق دەستىسى.
دۇتار، راۋاب، ساتار قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ تار ياكى سىم تارتىلغان، پەدە باغلىنىدىغان قىسمى.
قول - پۇت بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان يەرلىك توقۇمىچىلىق دۇكىنىنىڭ تىغ ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىسمى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بىر تۇتام قىلىپ تېرىلگەن ياكى تىزىلغان باغ؛ باغلام.
كابىنكىغا قىزىل بايراق قادىغان، كابىنكىنىڭ سىرتى ۋە تراكتورنىڭ تومشۇقىغا ئېتىز گۈللىرىدىن چىرايلىق دەستىلەر قىستۇرۇلغان.
ئۈستمۇئۈست قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان نەرسە.
يول بويىدا نەچچە ئون قەۋەت، خىش - كېسەك پەيدا بولدى.
ئۇ ئۆيگە كىرىپ دەرھال ئارقا - ئارقىدىن ئىككى دەستە كىتابنى كۆتۈرۈپ چىقتى.