Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
德寿宫
دۇنيا تارىخى
دېشۇ ئوردىسى
چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى خان ئوردىسى. چىڭيون ئوردىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سېئۇلدا. ئەسلى چىڭزۇڭنىڭ يۇەن يۆشەندىكى خۇسۇسىي قەسىرى. ھازىرقى قۇرۇلۇشلار لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ياۋروا مەدەنىيىتى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن تاش بىلەن ياسالغان ئوردا بولۇپ، بۇ، چاۋشيەندە ئەڭ بالدۇر سېلىنغان ياۋروپاچە ئوردا قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. 1907-يىلى گاۋزۇڭ خان تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغاندىن تا ۋاپات بولغىچە مۇشۇ ئورىدا تۇرغاچقا، دېشۇ ئوردىسىدىكى لى تەيۋاڭ دەپ ئاتالغان. 1934-يىلى باغچە قىلىپ ئېچىلغان.