Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
德富芦花
دۇنيا تارىخى
توكۇتومى ئاشىكى
(1868 - 1927)ياپونىيە يازغۇچىسى. ئەسلى ئىسمى كېنجرو.توكۇتومى ئىكىنىڭ ئىنىسى. كيوتودىكى يولداشلار جەمئىيىتىدە ئوقۇغان. ياشلىقىدا كاتولىك دىنىغا ئېتقاد قىلغان. روسىيە يازغۇچىسى لېۋتولستويغا چوقۇنغان. <قايتماق> ۋە <قارا دولكۇن> قاتارلىق ئەسەرلەر ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ، ئالدىنقى ئەسەردە ئايال قەھرىمان نامىكونىڭ ھاياتى ئارقىلىق ياپونىيە ئاياللىرىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى بايان قىلىنغان؛كېيىنكىسىدە ئۆتكۈر سۆزلەر بىلەن ئەينى زاماندىكى ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ نومۇسسىزلىقى پاش قىلىنغان. ئۇ يەنە <تەبىئەت بىلەن كىشىلىك ھايات> ناملىك خاتىرە ۋە <فوشى> ناملىك تەرجىمىھال تەرىقىسىدىكى رومان يازغان كېيىن <ئاشىكى ئەسەرلىرى> دىن 20 توم نەشر قىلىنغان.