Uyghurئاساسىي لۇغەت
دەشنە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
خەنجەر، ئۇچى ئۆتكۈر پىچاق:
قىلاي دەشنەئى بىرلە باغرىنى چاك،
ۋە گەرنە ئۆزۈمنى قىلاي ھەلاك.
ئا. نىزارى. ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
خەنجەر: دەشنەئى تېز - ئۆتكۈر خەنجەر؛ دەشنە يېمەك - خەنجەر يېمەك؛ دەشنەئى خۇنزىر - قان تۆككۈچى خەنجەر.