Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
德国一月政治罢工
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيىدىكى يانۋار سىياسىي ئىش تاشلىشى
گېرمانىيە ئىشچىلىرىنىڭ 8191 - يىل 1 - ئايدىكى سىياسىي خاراكتىرلىك ئىش تاشلىشى. ئۇرۇش ئاپىتىنىڭ دەردىنى تارتقان گېرمانىيە ئىشچىلىرى روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابنىڭ تەسىرى بىلەن، 1917 - يىلى 11 - ئايدىن باشلاپ، ئارقىمۇ - ئارقا يىغىن، نامايىش ئۆتكۈزۈپ ۋە ئىش تاشلاپ، سوۋېت روسىيىسى ئوتتۇرغاقويغان زېمىن ئايرىپ بەرمەسلىك، تۆلەم تۆلىمەسلىك سۈلھ شەرتنامىسىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. گېرمانىيىدىكى سولچى سوتسىيال دېموكراتلار (سپارتاكچىلار) ئىشچىلارنى روسىيە پرولېتارلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، تىنچلىق، بولكا ۋە ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان. بېرلىن شەھىرىدە 500 مىڭ ئىشچى 1918 - يىل 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كەڭ كۆلەمدە ئاۋاز قوشقان. ھۆكۈمەت <پەۋقۇلئاددە ھەربىي ھالەت> نى جاكارلىغان. بېرلىن ئىشچىلىرى ھەربىي ساقچىلار بىلەن قوراللىق توقۇنۇشۇپ قالغان. 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭچى رەھبەرلىرىنىڭ بوزغۇنچىلىقى ۋە ئەكسىيەتچىل ھەربىي ساقچىلىرىنىڭ باستۇرۇشى ئارقىسىدا ئىش تاشلاپ مەغلۇپ بولغان.