Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
德国一八四八年革命
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيىنىڭ 1848 - يىلدىكى ئىنقىلابىي
1848 - 1849 - يىللىرىدىكى گېرمانىيە بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىي. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى، گېرمانىيىدە كاپىتالىزم يەنىمۇ راۋاج تېپىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەت كۈنسېرى ئۆتكۈرلەشكەن، خەلق فېئوداللىق بۆلۈنمىچىلىكنى تۈگىتىپ، مىللىي بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى جىددىي تەلەپ قىلغان، ئىنقىلابىي ۋەزىيىتى كۈنسايىن پىشىپ يېتىلگەن. 1848 - يىل 3 - ئاينىڭ باشلىرىدا بادېن كىنەزلىكىدە خەلق ھەممىدىن ئاۋۋال قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. بۇ گېرمانىيەنىڭ غەربىي ۋە غەربىي جەنۇبىي قىسىملىرىدىكى شتاتلارغا تېزلىكتە كېڭىيىپ، ئەركىن بۇرژۇئازىيەنىڭ ئىچكى كابېنت ھۆكۈمىتى (يەنى <مارت كابېنتى>) ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە فېئودال ئەكسىيەتچىل كۈچلەر مەركەزلەشكەن ئاۋسترىيە ۋە پروسسىيىدىمۇ ئىنقىلاب پارتلىغان. 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ۋېنا خەلقى مېتنې ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان؛ 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى بېرلىن خەلق قوزغىلىڭى مۇۋەپپىقىيەت قازىنىپ، كورۇلنى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى چاقىرىشقا قوشۇلۇشقا مەجبور قىلغان. ماركس، ئېنگېلس بۇ قېتىمقى كۈرەشكە باشتىلا قاتناشقان ھەمدە كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى نامىدىن ئىنقىلاب ئۈچۈن <كومپارتىيەنىڭ گېرمانىيىدىكى تەلىپى> دېگەن ستراتىگىيىلىك پروگراممىنى تۈزۈپ بېرىپ، بىرلىككە كەلگەن گېرمانىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى ئوتتۇرغا قويغان. لېكىن ھەرقايسى شتاتلاردىكى ئەركىن بۇرژۇئازلار ۋە ئۇلارنىڭ رەھبەرلىكىدىكى فرانكفورت مىللىي پارلامېنتى فېئودال كۈچلەر بىلەن مۇرەسسەلىشىپ ئىنقىلابنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشقا توسقۇنلۇق قىلغان، ھۆكۈمران سىنىپ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان. 1848 - يىلى 11 - ئايدا، ئاۋسترىيە ئەكسىيەتچىلىرى ۋېنا خەلقىنىڭ قوزغىلڭىنى باستۇرۇپ، پادىشاھلىق ئىستىبداتلىق تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن؛ پرۇسسىيە كورۇلىمۇ ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، پومېشچىك بيۇكرات ھۆكۈمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، جەنۇبىي گېرمانىيىدىكى ھەرقايسى شتاتلارنىڭ كورۇللىرى ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1849 - يىلى3 - ئايدا فرانكفورت مىللىي پارلامېنتى ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىنى ماقۇللاپ، ۋارىسلىق قىلىنىدىغان كورۇل ھۆكۈمرانلىقىدىكى بىرلىككە كەلگەن پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق گېرمانىيىگە ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ، بەزى ئەركىن - دېموكراتىك ھوقۇقلارنى بەلگىلىگەن. لېكىن بۇ ھەرقايسى شتات كورۇللىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. 5 - ئاينىڭ بېشىدا درېسدېن، رېين رايونلىرى، بادېن، پفالز قاتارلىق جايلاردا كەڭ كۆلەملىك خەلق قوراللىق قوزغىلىڭى پارتلاپ، ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنىنى قوغداش كۈرىشى قانات يايدۇرۇلغان. پرۇسسىيە ھۆكۈمىتى ھەرقايسى شتات كورۇللىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئەسكەر چىقىرىپ باستۇرغان. 7 - ئايدا فرانكفورت مىللىي پارلامېنتى پارچىلىنىپ كەتكەن؛ بادېن - پفالز قوزغىلىڭى باستۇرۇلغان. بۇرژۇئازىيەنىڭ تۇراقسىزلىقى تۈپەيلىدىن ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغان.