Uyghurئاساسىي لۇغەت
دائىرە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
دائىرە، مەيدان، ئايلانما، ئايلانما سىزىق چەمىبرەك.
چېگرا.
ئاسمان، ئالەم تۈزۈلۈشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىتى دومىلاق، ئىچى بوش شەكىل.
ھورۇنغا بىر چەمبەر سىزىش ئۈچۈن بىر ئاي كېتىدۇ. قەھرىمانلار مۇنارىغا گۈل چەمبىرەك قويۇلدى. ھالقا بولۇپ ساما سالدۇق. بىلىمنى كەڭ دائىرىدە ئال، بىرىگە كۆپرەك زەن سال.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىنسان پائالىيىتى، ئىلىم - پەننىڭ بىر تارمىقى، كەسىپ ئايرىمى.
ئىلىم ساھەسى؛ ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسى. ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ھەر كىم ئۆز دائىرىسىگە مەنسۇپ. ئىلىم - پەن دائىرىسى _ چوڭ دائىرە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۆت ئەتراپنىڭ چېكى، ئىش - ھەرىكەت بېرىپ تاقاشقان جاي.
ھازىر سوتسىيالىستىك تەربىيە خىزمىتىدە سوتسىيالىزم كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنماقتا. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ كۆلىمى چوڭ بولدى. جاھان مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئىنسانىيەتكە زور ئاپەت كەلتۈردى. بۇ ئىشنىڭ دائىرىسى كەڭ، كەڭ دائىرىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش لازىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ھالقا، ئايلانما، چەمبەر.
دائىرە سىزماق.
مۇئەييەن چېگرا، پاسىل ئىچىدىكى زېمىن، يەر - جاي.
شاڭخەيدىن چىقىپ ئۈچ كېچە - كۈندۈز يۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ دائىرىسىگە كىردۇق.
مەلۇم ئىش - ھەرىكەت ۋە پائالىيەت يۈز بېرىدىغان جاينىڭ مىقياسى، كۆلىمى.
ھەرىكەت دائىرىسى.
ئۇنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسى تولىمۇ كەڭ.
چەك، چېگرا، چەكلىمە، رامكا.
بىر ئىشچىغا رۇخسەت بېرىش كارخانا باشلىقىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىكى ئىش.
(كۆپلۈك قوشۇمچىسى < - لار، - لەر> بىلەن كېلىپ) بىرەر كەسىپ، ساھە ياكى تەبىقىگە مەنسۇپ كىشىلەر توپىنى بىلدۈرىدۇ.
ھۆكۈمرۈن دائىرىلەر. شەرىئەت دائىرىلىرى.
(كۆپلۈك قوشۇمچىسى <- لار، -لەر> بىلەن) بىرەر دۆلەت، پايتەخت نامىنىڭ كەينىدە كېلىپ، شۇ دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ.
موسكۋا دائىرىلىرى. بېيجىڭ دائىرىلىرى.
جۈملىسى، ئىچى، تەركىبى.
مۇتلەق كۆپچىلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلى نورمال ھالەتتىكى بالىلار دائىرىسىگە كىرىدۇ.
خىل، تۈر.
شەيئىلەرنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ ۋە تەرەققىياتى چەكسىز بولىدۇ.