Uyghurئاساسىي لۇغەت
دائى
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
دۇئا قىلغۇچى، تەلەپ قىلغۇچى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ئىسمائىلىيە مەزھىپىدىكى ۋەزخان ياكى ۋائىز كۆزدە تۇتۇلىدۇ. دائى ئىسمائىلىيەدىكى ۋائىزلىق جەمئىيىتىنىڭ باش دائىسى ۋە چوڭ دائىسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە تاپشۇرۇقى بىلەن جايلاردا ئۆز مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسىنى تەبلىغ قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە فاتىمىيە سۇلالىسىغا ئاساس سالغان ئەبۇ ئابدۇللا ھۈسەين، قەرمەتىيلەر دۆلىتىگە ئاساس سالغان ھەمدان قەرمەت، درۇزىيىگە ئاساس سالغان ھەمزە ئىبنى ئەلى، ھەششاشۇنچىلارنىڭ باشلىقى ھەسەن بىننى سەبباھ ۋە فاتىمىيە سۇلالىسىنىڭ ئوردىسىدا ئەقائىد مەئرىفە بىلەن ئالەمنى تونۇش نەزەزىيىسىنى تەشەببۇس قىلغان نەسەفى ۋە ھەمىددىن كىرمەن قاتارلىقلار ئەڭ مەشھۇر دائىلار ھېسابلىنىدۇ.