Uyghurئاساسىي لۇغەت
داۋراڭ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق ئاۋاز بىلەن ۋارقىراش _ جارقىراش.
بوراندىن قورقما، داۋراڭدىن قورق. ئىش چۇقان بىلەن ئەمەس، ئەقىل بىلەن پۈتەر. سۈرەن سالغانغا سۈرئەت ئىلگىرىلىمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
داغدۇغىلىق خەۋەر، ئاتاق.
ئۇنىڭدىنمۇ مىڭ تىللا مىراس قالدى، بۇ داۋراڭ ھەممە يەرگە تارالدى.
يوغان گەپ، چوڭ سۆز، سۈرەن - چوقان.
سادىقنىڭ تۆت ئايغا مۆلچەرلىگەن قىشلىق قۇرۇلۇش پىلانلىرى تۈگىمەس مەجلىس ۋە قۇرۇق داۋراڭلار ئاستىدا بېسىلىپ قالدى.
داغدۇغا، دەبدەبە، ھەيۋەت.
ئامانقۇل بىلەن خوجىنىياز پالۋانلار ياقۇپ ياساۋۇلنى داۋراڭ بىلەن ئەكىلىپ خاتا قىلغانلىقىنى چۈشەنگەندەك يەرگە قاراپ جىم تۇرۇشتى.