Uyghurئاساسىي لۇغەت
داۋان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تاغ، توپىنىڭ ئۆتۈشكە بولىدىغان، ئەپلىك يېرى.
داۋاندا ئۇچرىغانغا سالام بەر. بەدەلئارت ئۈچ بىلەن بالاساغۇن ئارىسىدىكى كۆتەل.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
جىگدە قاقىدىغان تاياق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تاغ ۋە تۆپىلىكلەرنىڭ يول ئېلىنغان، ئېشىپ ئۆتىدىغان جايى.
ئاپتوموبىل داۋاندىن چۈشكىچە ماي بەرمىدى.
كۆچمە. بىرەر ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا توسالغۇ بولىدىغان توسۇق، توسقۇنلۇق، قىيىنچىلىق، جاپا - مۇشەققەت.
كەمبەغەل بولغاندىن، نۇرۇم دېگەندەك چوڭ توي دېگەن بىزگە چىققىلى بولمايدىغان داۋان - دە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
توقۇش دۇكىنىدىكى ئۆرۈش يىپلارنى ئاياغ تەرىپىنى مەلۇم ئېگىزلىكتە كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان قۇرۇلما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. جىگدە قاقىدىغان تاياق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
داۋان، ئېگىزلىكتىن ئۆتكەن بول.