Uyghurئاساسىي لۇغەت
دال
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ئەرەب يېزىقىدا « د » ھەرىپىنىڭ ئېتى. چاغاتاي ئەدەبىياتىدا ئۇچرايدۇ. ئېگىلىگەن، دۈمچەيگەنگە ئىستىئارە.
« ئېلىپ » تەك قامىتىم « دال » دەك ئېگىلدى.
« دال » سەن تەمەدىن چېكىپ نادامەت،
ئازاد بول « ئېلىپ » تەك تىك بولسۇن قامەت.
ئاھاڭداش سۆزلەر
( « ئىسىم. بولماق »، « قىلماق » بىلەن پېئىلىشىدۇ ) دالدا بولماق، دالدا قىلماق.
ئۇغرىغا ئىت تېزىكى دال بوپتۇ ( تەمسىل ).
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى سەككىزىنچى ھەرپ د نىڭ نامى.
ئېگىلگەن، پۈكۈلگەن، پۈكۈك:
سۆيگۈنىنىڭ چېچى، ماڭلىيى ماڭلاي چاچ، كوكۇلا:
رەھم ئېتىپ باقغىل بىرەر ھالىمغە سەن تەڭرى ئۈچۈن،
ھەجرۇ فۇرقەتدىن بولۇپدۇر قامەتىم ئانداغكى دال.
قەلەندەر.
3. كاكۇلۇڭ ئەلگە جەھاننى تىيرە قىلغان دۇد ئېرۇر،
ھەر سارى زۇلفۇڭ ئىكى يانىدە تۈشكەن دال ئاڭا.
نەۋايى.
5. بارچە خەلايىق توپ بىكىن تاشلار ئاياقىڭ ئۆزرە باش،
بۇ ئىشكە زۇلفۇڭ دال ئېرۇر، سەن ئانى چەۋگان ئەيلەمە.
زەلىلى.
دەلىل، بەلگە.
دالالەت، دالالەت قىلغۇچى:
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئارقا، سىرت، دۈمبە.
دۇنيا تارىخى
(1801 - 1872) روسىيەلىك يازغۇچى، تىلشۇناس. تەخەللۇسى <كازاك لۇگانسىكىي>. دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1829 -ئۇنۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن. دوختۇر ۋە ئەمەلدار بولغان. 1838 - يىلى پېتربۇرگ پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئاكادېمىكى بولغان. پۇشكىن بىلەن قۇيۇق ئالاقىدە بولغان. Ⅳ توملۇق <رۇس خەلق ماقال - تەمسىللىرى> نى تۈزۈپ چىققان، بۇلار رۇس تىل - ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن كۈچى بىلەن خەلق ئارىسىدىكى ھېكايە ۋە چۆچەكلەرنى توپلاپ <روسىيە چۆچەكلىرى>، <ئۆتكەنكى ئىشلار ۋە سەپسەتە> قاتارلىقلارنى نەشىر قىلدۇرغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. پاناھ ياكى مەدەت بولىدىغان نەرسە، ياردەم.
دال بولماق.
رەۋ. تاقابىل، تەڭ.
دال بولماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئادەم ياشايدىغان جاينىڭ سىرتىدىكى كەڭ كەتكەن يەر.
بۇ دالانىڭ نېرىراق تۆۋەن تەرىپىدە بىر نەچچە يىگىت كەتمەن ئوينىتىپ يەر سۇغارماقتا ئىدى.
سەھرا، يېزا - قىشلاق.
دالانىڭ بېگى بولغۇچە، شەھەرنىڭ ئىتى بول (ماقال).