Uyghurئاساسىي لۇغەت
داگاما
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1460 - 1524)پورتۇگالىيىلىك دېڭىزچى. 1497 - يىلى 7 - ئايدا، پورتۇگالىيە كېمىچىنى باشلاپ، لېسابۇندىن يولغا چىقىپ، ھىندىستانغا بارىدىغان يولنى ئىزدىگەن. 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ھىندىستاننىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى كالىكۇتتاغا يېتىپ بارغان. 1499 - يىلى 9 - ئايدا لېسابۇنغا قايتىپ بارغان. 1502 - 1503 - يىللىرى ھىندىستانغا يەنە بىر قېتىم بارغان. 1524 - يىلى 4 - ئايدا پورتۇگالىيە قارىمىقىدىكى ھىندىستاننىڭ باش ۋالىيسى سالاھىيىتى بىلەن ئۈچۈنچى قېتىم ھىندىستانغا بارغان. شۇ يىلى 12 - ئايدا ھىندىستاننىڭ كوچىن دېگەن يېرىدە ئۆلگەن. داگاما ھىندىستان دېڭىز يولىنى ئېچىپ، ياۋرۇپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز قاتنىشى ۋە سودامۇناسىۋىتىنى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن، شۇنداقلا بۇ، ياۋرۇپا مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ شەرق دۆلەتلىرىنى مۇستەملىكە ۋە تالان -تاراج قىلىشىنىڭ باشلىنىشىمۇ بولغان. <جۇغراپىيىلىك زور بايقاش> قا قارالسۇن.