Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
大和国家
دۇنيا تارىخى
ياماتو دۆلىتى
يەنى ياماتو خاندانلىقى. ياپونىيىنىڭ ياماتو (بۈگۈنكى نارا) دېگەن يېرىدىكى قەدىمكى دۆلەت. تەخمىنەن مىلادى Ⅲ ئەسىردە شەكىللەنگەن. Ⅳ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇنىڭ تەسىر كۈچى كانتو رايونىغا يېتىپ بارغان. جۇڭگونىڭ <سۇڭنامە> سىدە يېزىلىشىچە، توڭچو 2 - يىلى (مىلادى 421 - يىلى) دىن شىڭمىڭ 2 - يىلى (مىلادى 478 - يىلى) غىچە، پاكىنەكلەر پادىشاھلىرىدىن زەنۋاڭ، جىنۋاڭ، جىۋاڭ، شېڭۋاڭ ۋە ۋۇۋاڭلار كەينى - كەينىدىن جۇڭگوغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن؛ ۋۇۋاڭ (تېننو شۇنلې) غا <ئاندۇڭنىڭ چوڭ سانغۇنى> دەپ نام بېرىلگەن. بۇ مەزگىلدە، جۇڭگو مەدەنىيىتى ئارقىمۇ - ئارقا ياپونىيىگە تارقالغان. كېيىن دۆلەتمەن جەمەتتىكىلەر ئۆكتەملىك بىلەن ئىش كۆرگەنلىكتىن، ھاكىمىيەت خارابلىشىپ كەتكەن. 456 - يىلى تايكا ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ، تېننو ھۆكۈمرانلىقى تىكلەنگەن. ياماتو دەۋرى ئاياغلاشقان.