Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
大和国
دۇنيا تارىخى
ياماتو دۆلىتى
ياپونىيە تايكا ئىسلاھاتىدىن كېيىن دۆلەت ۋىلايىتى تۈزۈمى ئاساسىدىكى يەرلىك مەمۇرىيەت رايوندىن تۆۋەن دۆلەت نامى. ئۇ بۈگۈنكى نارا ناھىيىسىنىڭ تەۋەسىدە. <ياماتو> دېگەن سۆزنىڭ ياپون تىلىدىكى ئاھاڭى 倭 (ياماتو) 大倭 (ياماتو)، 大养德 (ئۇ ياماتو) دېگەن سۆزلەرنىڭ ئاھاڭىغا ئوخشاش. <ئىلوبو لۇغىتى> گە ئاساسەن، (ياماتو) دېگەن سۆزنى مىلادى 749 - يىلى (تيەنچىڭ شىڭباۋ 1 - يىلى) قوللىنىشقا باشلىغان. <يەنشىنىڭ خەلق ئىشلىرى خاتىرىسى> گە قارىغاندا، ئۇنىڭ قارىمىقىدا 15 ۋىلايەت، 89 يۇرت بار ئىكەن. نارا دەۋرىدە فۇجىۋارا خىروتسۇگۇ، فۇجىۋارا كىيوكاۋا قاتارلىقلار دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرغان، خىراياسو دەۋرىدە، ساكى ئىماكېبېتو، شىگىنو سادانۇش قاتارلىقلار دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرغان. ئۇنىڭ دائىرىسىدە ئالدىنقى دەۋرگە ئائىت خارابىيلەر ۋە قەبرىلەر بار. بۇ ھەقتە ھەر خىل ئېيتىلىشلارمۇ بولغان. 692 - يىلى (تېننو جىتو 7 - يىلى) دىن 709 - يىلى (خېتوڭ 2 - يىلى) غىچە بولغان ئارىلىقتا، ياماتونىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى نىڭيۇەنجىڭدە پايتەخت قۇرۇلغان. 710 - يىلى كۆچۈرۈپ كېلىنگەن. 784 - يىلى (يەنلى 3 - يىلى) پايتەخت ناگائوكا (بۈگۈنكى كىيوتو شەھىرىنىڭ غەربىي رايونى) غا كۆچۈرۈپ كېلىنگەندىن كېيىن، نارا جەنۇبىي پايتەخت دەپ ئاتالغان، كاسۇگا ئىلاھىيە جەمئىيىتى، شىڭفۇ ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلارنىڭ تەسىر كۈچى ناھايىتى زور بولغان، يەنە كېلىپ دۆلەتمەن ئائىلىلەر بىلەن بىرلىشىۋالغاچقا، ھەتتا پومېشچىكلارنىڭ چېگرىدىن كىرىشىگىمۇ يول قويۇلمىغان. يېغىلىق دەۋرىدىن بۇيان مۇھىم سامۇرايلار ۋاسساللىق بەگلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1871 - يىلى نارا ناھىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن.