Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
凑川会战
دائىرە: دۇنيا تارىخىسۇچۇەن بىرلەشمە جېڭى
ياپونىيەنىڭ سامۇرايلىقىنى تىكلەش يىللىرىدا ساموراي گۇرۇھلىرى ئۆزئارا ئېلىپ بېرىلغان ھوقۇق تالىشىشنىڭ بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جېڭى. 1336 - يىلى ئاشكا گوتاكاخى، ئازكاگو نايوشى (1306 - 1352) ئاكا - ئۇكا ئىككىسى سۇ يولى ۋە قۇرۇقلۇق يولىغا بۆلۈنۈپ، شىندېن گىرو، كۇسۇكى ماساكى بىلەن مىناتوگاۋا (ھازىرقى كاندو شەھىرنىڭ ئىچىدە)دە ئۇرۇشقان. شىندېن گىرو - كۇسۇكى ماساكى بىرلەشمە ئارمىيىسى مەغلۇپ بولغان. كۇسۇكى ماساكى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان؛ سىندېن گىرو پايتەختتىن چېكىنىپ چىققان. ئاشكاكى تاكاخى كيوتونى ئىشغال قىلىپ، گۇاڭمىڭنى تېننو قىلىپ تىكلىگەن. كېيىن شىخۇ تېننو يوشىنوغا قېچىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن <سامورايلىقىنى تىكلەپ قايتىدىن گۈللىنىش> (1334 - 1336) ئاخىرلىشىپ، شىمالىي سولالە بىلەن جەنۇبىي سۇلالىنىڭ قارىمۇ قارشىلىقى باشلانغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.