Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
چېخوۋ
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى契诃夫
qì hē fū
دائىرە: دۇنيا تارىخى契诃夫
qì hē fū
(1860 - 1904) روسىيە يازغۇچىسى. چېخوۋ تاگانروگدىكى بىر ئۇششاق سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، موسكۋا داشۆسىنىڭ مېدىتسىنا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ، دوختۇر بولغان. 1880-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەتكە كىرىشىپ، پوۋېست ۋە ھېكايىچىلىق بىلەن داڭق چىقارغان، چېخوۋنىڭ <خامېلېئون> ناملىق ھېكايىسىدە فېئودال ھۆكۈمران سىنىپىنىڭ سادىق غالچىسىنىڭ نادانلىقى، ئىستىبداتلىقى ۋە زامانغا قاراپ ئىش كۆرىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. <لېيتېنانت پرشىبېيېۋ> دا مۇستەبىت ھەربىي ساقچى تۈزۈمىنىڭ تىپىك سىمۋولى ياخىش يارىتىلغان؛ <ھەسرەت> ۋە <پىغان> دا ئەمگەكچى خەلقنىڭ پاجىئەلىك كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن؛1888-يىلى ئېلان قىلغان <بەخت> ۋە <ئوتلاق> تا دېھقانلارنىڭ ئاددىي - ساددىلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بەختكە بولغان تەشنالىقى ئىپادىلەنگەن.1889 - يىلى يازغان <مەنسىزلىك> ۋە <دۇئېل> دا زىيالىيلارنىڭ ئازابلىق ئىزدىنىشلىرى تەسۋىرلەنگەن؛ <غىلاپ بەندىسى> (1898) دە يېڭى شەيئىلەرگە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان مۇتەئەسسىپنىڭ تىپىك ئوبرازىنى ياراتقان. 1892-يىلى يېزىپ پۈتتۈرگەن <6-نومۇرلۇق پالاتا> دا پۈتكۈل چارروسىيە زۇلمەتلىك بىر تۈرمىگە ئوخشىتىلغان. <ئاياللار پادىشاھلىقى>، <ئۈچ يىل>، <داۋالاشقان چىقىش>، <موژىكلار> ۋە <سايدا> ناملىق ئەسەرلىرىدە شەھەر - يېزىلاردىكى كاپىتالىزمنىڭ ئۆسۈشى ۋە دېھقانلارنىڭ نامراتلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. چېخوۋنىڭ كومېىيىلىك ئەسەرلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ، ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى كومېىيىلىرىدىن <گالۋاڭ>، <قۇدا چۈشۈش> قاتارلىقلار، كېيىنكى مەزگىللەردىكى <چايكا>، <ۋانە تاغا>، <ئۈچ ئېگىچە - سىڭىل> قاتارلىق كومېدىيىلىرىدە زىيالىيلار ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئىدىيىۋى ئىزدىنىشلىرى ۋە پارلاق كېلەچەككە بولغان تەلپۈتۈشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئەڭ ئاخىرقى بىر ئەسىرى <ئالۇچىزار> دا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ زاۋاللىققا بىر ئەسىرى <ئالۇچىزار> دا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ زاۋالىققا يۈز تۇتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن. چېخوۋنىڭ ئىجادىيەتلىرى روسىيە ئەدەبىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.