Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
چېخ كىنەزلىكى
دائىرە: دۇنيا تارىخى捷克公国
jié kè gōng guó
مىلادى 906 - يىلى بۈيۈك موراۋىيە كىنەزلىكى ھالاك بولغاندىن كېيىن، پرېمىس سۇلالىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پراگانى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان دۆلەت، شۇڭا پراگا كىنەزلىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن فېئوداللىق مۇناسىۋەت ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان. 996-يىلى بولېسلاۋ Ⅱ چېخ قەبىللىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇزاققىچە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىگە بويسۇنغان، سودا - سانائىتى تەرەققىي تاپقانلىقى ئۈچۈن، چېخنىڭ مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىدىكى ئورنى كۈندىن - كۈنگە مۇھىم بولغان. ⅩⅡ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا نامى چېخ پادىشاھلىقىغائۆزگەرتىلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.