چېتىقلىق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىر-بىرىگە چېتىپ قويۇلغان، بىر-بىرىگە باغلانغان:[مىسال:] چېتىقلىق ئات.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئالاقىدار، مۇناسىۋەتلىك، باغلىنىشلىق:[مىسال:] قەشقەر دەپ نامىڭ بار زەپمۇ يېقىملىق، مەھمۇتنىڭ چىرىغى سەندە يېقىقلىق. قەدىمدىن جاھانغا تونۇلۇپ كەلگەن، ئۇيغۇرنىڭ تارىخى ساڭا چېتىقلىق.