Uyghurئاساسىي لۇغەت
چېچەك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
مېۋە تۇتىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جىنسلىق كۆپىيىش ئورگىنى، گۈلى.
چېچەكلىمەك.* چېچەك ئاتماق.* شاپتۇل چېچىكى.* چېچەك سۈيى.
ياخشى بىلەن يۈرسەڭ ئېچىلار چېچەكلىرىڭ،
يامان بىلەن يۈرسەڭ يېرىلار يۈرەكلىرىڭ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
بىر خىل كېسەل ۋىروسىدىن بولىدىغان ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل.
چېچەك چىقماق.* چېچەك ئەملىمەك.* چېچەك چەكمەك.* چېچەكچى.* چېچەكتە چېكىلمىگەن قىزىلدا قىرىلار ( ماقال ).* چېچەكنىڭ ئېتى يامان، قىزىلنىڭ يېلى ( ماقال ).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەل، كېسەل مىكروبىدىن بولىدۇ.
چېچەكتە چېكىلمىگەن قىزىلدا ئۆلەر.8 چوقۇر دېمەڭلار چېچەكنىڭ ئىزى. چېچەك چېكىش چېچەكتىن ساقلايدۇ. ئىنسانىيەت چېچەك بىلەن قىزىلنى ئۈنۈملۈك چەكلەپ، ئىنسانىيەتنى كېسەل ئازابىدىن ساقلىدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رەڭگارەڭ ئېچىلىدىغان چىرايلىق، خۇش بۇي ئۆسۈملۈك.
«چېچەك» ھازى ئۇزۇقلۇق ئۆسۈملۈكىنىڭ جىنىسىي تۇغۇت ئەزاسىغا قارىتىلىدىغان بولۇپ قالدى.
گۈل ئېچىلىغان يېرىدە ئەزىز. ھەر گۈلنىڭ ھىدى باشقا. قىز بالا ئۆينىڭ گۈلى. دەرەخنىڭ مېۋىسى چېچىكىدىن بىلىنەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<بوت> مېۋىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جىنسلىق كۆپىيىش ئورگىنى؛ گۈلى.
ئېچىغان نەرسىلەردە پەيدا بولىدىغان رەڭلىك كۆپۈك.
ھېلىقى خېرىدار چاينى كۆرسىتىپ: - قېنى چېچىكى بار چايلىرىڭىزدىن جىڭلىمامسىز! - دېدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تېبابەت
ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل. ئۇنى بىر خىل ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەم ۋە بەزى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغا يۇقىدۇ، بۇنىڭدا دەسلەپ قىزىپ، پۈتۈن بەدەنگە قىزىل رەڭدىكى دۆڭچە ئەسۋىلەر چىقىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
گۈل، ئېچىلغان گۈل بەرگى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
گۈل (بۇ يەردە يېڭى تۇغۇلغان قىز پەرزەنت چېچەككە ئوخشىتىلغان)
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
گۈل،ئېچىلغان گۈل بەرگى؛ چېچەكتەك يېقىملىق قىز.