Uyghurئاساسىي لۇغەت
چىشىنى بىلمەك
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
(1) تەييارلانماق. تەييار بولۇپ تۇرماق، كويىدا بولماق: ئۇلار ئۇ نەرسىلەرنى بۇلاپ - تالاپ تارتىۋېلىش ئۈچۈن چىشلىرىنى بىلمەكتە. (2) بىرەر ئىشقا، پايدا - مەنپەئەتكە ئىشتىھا ساقلىماق، ئۈمىد باغلىماق: - ئۇ تۇغۇلمىغان بالىغا ئات قويىدىغان، سويۇلمىغان پاقلانغا چىش بىلەيدىغان، قولغا كىرمىگەن پايدىغا سودا قىلىدىغان كىرمىگەن پايدا سودا قىلىدىغان ۋاقىتلارمۇ بولۇپ قالىدىكەن! - دېدى.