Uyghurئاساسىي لۇغەت
چېن سى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىسلام دىنى ئاخۇنى. شەندۇڭ جىنەنلىك. خۇيزۇ. ئۇنىڭ بوۋىسى چېن يىن مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى غەربىي يۇرتقا ئۈچ قېتىم بېرىپ، گۇاڭلۇسى مەسچىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. كېيىن جىنەنگە قايتىپ كېلىپ، سەندۇڭدا خاتىپ بولغان. بوۋىسى، تاغىسى، دادىسى جىنەننىڭ نەنداسى جامەئەسىدە ئىمام بولغان. چېن سى كىچىكىدە ئائىلىسىدە ئوقۇپ، ئىسلام دىنىنى ۋە كۇڭزىچىلارنىڭ ئىدىيىسىنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشەندى. جياچىڭنىڭ 6 - يىلى (1527) نەنداسى مەسچىتىدە ئىمام بولدى. ئىككىنچى يىلى ئىسلام دىنى توغرىسىدا ئابىدە يېزىپ، ئىسلام دىنىنى خەنزۇچە يېزىق ۋە كۇڭزى تەلىماتى بىلەن شەرھلىگەن تۇنجى ئاخۇن بولدى.