Uyghurئاساسىي لۇغەت
چېن جيۇڭ
دۇنيا تارىخى
(1218 - 1277) چېن رىجيۇڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ۋيتنام چېن سۇلالىسىنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد ھۆكۈمرانى (1225 - 1258). لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى ئايال پادىشاھى لى جاۋنىڭ ئېرى. 1225 - يىلى ئۇنىڭ تاغىسى، زالىم ۋەزىر چېن شودۇ ئايال پادىشاھ لى جاۋنى تەختنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبورلىغان. چېن جيۇڭ پادىشاھلىق تەختكە چىقىپ، يىلنامىنى جيەنجۇڭغا ئۆزگەرتىپ، چېن سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى باشلىغان. ئۇ تەختكە چىققاندا گۆدەك بولغاچقا، ئەمەلىي ھوقۇقنى تاغىسى چېن شۇدۇ تۇتقان. چېن جيۇڭ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، توغان ياسىتىپ، ئېرىق - ئۆستەڭلەرنى چاپتۇرۇپ، بوز يەر ئاچتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، باج، ئەسكىرىي تۈزۈم، ئەمەلدارلىق تۈزۈمى قاتارلىق ھەرخىل تۈزۈملەرنى تەرتىپكە سالغان. دۆلەت بىلىملىرىنى تەسىس قىلىپ كۇڭزىچىلارنى مۇكاپاتلاپ، ئىمتىھان ئېلىپ، ئۆلىمالارنى تاللىغان، قوشۇن باشلاپ جۇڭگونىڭ سۇڭ سۇلالىسىنىڭ چېگرا رايونلىرىغا ۋە قوشنا دۆلەت كامپۇغا تاجاۋۇز قىلغان. 1258 - يىلى تەختنى ئوغلىغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. ئۆزى شاھىنشاھ بولغان. ئۆزىگە تەيزۇڭ ھۆرمەت نامى بەرگەن.