چىگىشلەشمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① چىگىش ھالەتكە كەلمەك، چىگىش بولماق، چىگىش كىرمەك، ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ چىگىشلىشىپ، كىگىزدەك بولۇپ كەتكەن قاپقارا چېچى دولىسىغا چۈشۈپ تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② قىيىنلاشماق، مۇرەككەپلەشمەك، قالايمىقانلاشماق:[مىسال:] مەسىلىنىڭ بەزىلىرى ئايدىڭلاشتى، بەزىلىرى تېخىمۇ چىگىشلەشتى.