دائىرە: چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرىقەدىمكى تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى:
كېچەلەر ئەنجۇم فەلەكلەر دادىمە، رەۋشەن دېگىل،
كىم يۈز ئاچمىش قەسرى تاقى ئۆزرە ئول شەمئى چىگىل.
ناقىس.
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىچىگىل.
ئۈچ تۈرك قەبىلىسىنىڭ نامى: بىرىنچىسى بارسغاننىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى « قۇياس» شەھەرچىسىدە ياشايدىغان كۆچمەنلەر، ئىككىنچىسى، « _ تالاس» شەھىرىنىڭ يېنىدىكى بىر شەھەرچىدە ياشايدىغانلارمۇ «چىگىل» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلارنىڭ «چىگىل» دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەپ مۇنداق ئىمىش: زۇلقەرنەين ئارغۇ ئېلىگە كەلگەندە، قاتتىق يامغۇر يېغىپ، يوللار ماڭغۇسىز دەرىجىدە پاتقاق بولۇپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن زۇلقەرنەين پارس تىلىدا « _ نېمىدىگەن يامان پاتقاق» دەپ كايىپتۇ ۋە كېيىن ئۇ يەرگە بىر قورغان سالدۇرۇپتۇ، بۇ قورغان «چىگىل» دەپ ئاتىلىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ قورغاندا ئولتۇراقلاشقان تۈرك قەبىلىسىمۇ، « چىگىلى» دەپ ئاتىلىپتۇ. بۇ نام كېيىنچە ئەتراپلاردا ياشىغان ۋە چىگىللەر بىلەن دائىم ئۇرۇشۇپ تۇرغان، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى دۈشمەنلىك بۈگۈنكى كۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن. ئوغۇزلار چىگىل شەكلىگە كىرىۋالغان باشقا تۈرك قەبىلىلىرىنىمۇ « چىگىل» دەپ ئاتايدۇ. ئوغۇزلار يەنە جەيھۇندىن يۇقىرى چىنغىچە بولغان يەرلەردە ياشىغۇچى تۈرك قابىلىلىرىنىڭ ھەممىسىنى « چىگىل» دەپ ئاتايدۇ. بۇ خاتا. ئۈچىنچىسى، قەشقەردىكى بىرمۇنچە يېزا - قىشلاقلاردا ياشايدىغان تۈرك قەبىلىلىرىمۇ «چىگىل» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلارمۇ بىر يەردىن تارقالغان.
1 - 511
دائىرە: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىتۈركىي قەبىلىلىرىنىڭ بىرى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دائىرە: ئىرقشۇناسلىققارلۇقلارغا تەۋە ئۈچ تۈرك قەبىلسىنىڭ نامى. ئۇلارنىڭ بىرى بارسىغاننىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى قىياش شەھىرىدىكى ئەتراپىدىكى خەلقلەر، ئۈچىنچىسى قەشقەرنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىدىكى تۈرك قەبىلىلىرى، مەھمۇد كاشغەرى <دىۋان> دا، بۇلارنى بىر يەردىن تارقالغان چىگىل قەبىلىسى دەپ كۆرسىتىدۇ.
دائىرە: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىقىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرى