Uyghurئاساسىي لۇغەت
چەش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
بىر خىل مىنېرال ماددا، تەركىبى sio2 . تەركىبىدىكى ئارىلاشمىلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ئۈستىنىڭ رەڭگىمۇ ھەر خىل بولىدۇ. ئادەتتە ئۇنىڭدىن ئۈزۈكنىڭ كۆزى قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرى ياسىلىدۇ.
چەش كۆزلۈك ئۈزۈك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
تېيىلىپ، سورۇلۇپ تەييارلانغان ئاشلىق دۆۋىسى.
چەشلىمەك.* چەش بەلگىسى.* چەش بۇرنى.* شالاڭ ئاش باش كۆرسىتەر، قويۇق ئاش چەش كۆرسىتەر ( ماقال ).
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سۆز بىرىكمىسىدە قىلغۇچى مەنىسىدە كېلىدۇ: رىياچەش - رىياكار، رىيا قىلغۇچى؛ تازىلانغان بۇغداي؛ لايلىرى ئادالانغان قۇم.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چەش.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ياراتتى ياشىل چەش
ساۋۇردى ئۈرۈڭ قاش
تىزىلدى قارا قۇش
تۈن كۈن ئۈزە يۆرگەنۈر
{يېشىل چەش (ئاسمان) ياراتتى،
(ئۇنىڭغا) ئاق قاشتېشىنى چاچتى،
قارا قۇش (مىزان يۇلتۇزى) تىزىلدى،
تۈن كۈنگە يۆگىلىدۇ.}
1 - 431
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
گىئولوگىيە
بىر خىل مېنىرال. تەركىبى SO2. ئۇ كۋارتسنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى بولۇپ، يېلىن، ئۈزۈم ۋە نۆكچە ھالىتىدە ئۇچرايدۇ. ئادەتتە ئۇنىڭدىن ئۈزۈكنىڭ كۆزى قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرى ياسىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خاماندا سورۇپ، پاكىزلەپ تەييارلانغان ئاشلىق دۆۋىسى.