Uyghurئاساسىي لۇغەت
چاق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. بىرەر كۈچ بىلەن ئايلاندۇرۇپ، يىپ _ تاناپ ئېگىرىدىغان سايمان.
چاق ئېگىرمەك.
2. مەخسۇس قۇم تاش بېكىتىپ، بىرەر كۈچ بىلەن ئايلاندۇرۇپ، ھەر خىل تىغلارنى بىلەيدىغان سايمان. پىچاقنى چاققا تۇتماق.
3. قاتناش قوراللىرى، ئەسۋابلەر ۋە باشقا قۇرۇلمىلارنىڭ ئايلىنىدىغان دۈگىلەك قىسمى. ھارۋىنىڭ چاقى.* چىشلىق چاق، قۇم چاق.* تۈگمەننىڭ چاقى.
تۈگمەننىڭ چاقى يۈز يىل ئايلانغاندىمۇ،
دەريادا كەم بولۇپ قالماس، قەترە سۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
چاقماق، چېقىش. 1. قاتتىق نەرسىنى سۇندۇرۇماق، ئۇرۇپ پارچىلىماق، پاچاقلىماق.
تاش چاقماق.* ياڭاق چاقماق.* قۇلۇپنى چاقماق.
2. بىر _ بىرىگە سۈركىلىپ ئوت ھاسىل قىلماق. چاقماق.* سەرەڭگە چاقماق.
3. چىشلەپ، نەشترىنى سانجىپ ئاغرىتماق. پاشا چاقماق.* سېرىقئېشەك چاقماق.* ھەرە چاقماق.* يىلان چاققان، ئالا يىپتىن قورقار ( ماقال ).* ھەرىنىڭ چاققىنىغا چىدىساڭ، ھەسەل ئالىسەن ( ماقال ).
دۈشمەنلىكتىن ئەمەس چايان چېقىشى،
شۇنداق تەبىئىتى، پېئىل خاھىشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىغنى ئىتتىكلىتىدىغان بۇيۇم، سايمان، مەخسۇس تاش.
«كاپ» كۆندىن ياسىلىدۇ.
بىلەي تاش قاپتالدا، ئېسىل سۆز يۈرەكتە. چاق ھېچنىمىنى كېسەلمىسىمۇ پىچاقنى ئىتتىكلىتىدۇ. قايراق قاچان بولسا بولسۇن پىچاققا دوست. ئۇستىرا كاپ بىلەن، خوتۇن كىشى لاپ بىلەن. پەرىشانلىق ئۆمۈرنىڭ ئېكىكى. ئېكەككە دوقاقنى كەلتۈرۈپتۇ، ھۈررەككە پوقاقنى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھارۋا ( ماتورلۇق ھارۋا: ماشىنا، تراكتۇر ) نىڭ ئايلىنىپ ماڭىدىغان، دۈگىلەك قىسمى.
ئەسكى چاقنىڭ ئاۋازى قاتتىق. تارىخ چاقىنى كەيمىگە بۇرىغىلى بولمايدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
«دەل، خۇددى» دېگەنگە ئوخشاش بىر نەرسىنىڭ ئۆزىنى بىلدۈرىدىغان سۆز. چاق ئول ئاتنى تۇتغىل _ دەل شۇ ئاتنى تۇتقىن. چاق ئاماچىن ئۇرغىل _ دەل نىشانغا ئۇرغىن.
1 - 434
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
غىڭ.
بۇمۇ ئاۋازنى بىلدۈرىدىغان ئىملىق سۆز. ئول ئانى ئۇردى چاق ئەتمەدى _ ئۇ ئۇنى ئۇردى، ئۇ غىڭ قىلمىدى.
1 - 434
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
نەرسىلەرنىڭ بىر - بىرىگە تېگىشى، ئۇرۇلۇشى، سوقۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
قاتناش قوراللىرى، ھەرخىل ئەسۋابلار ۋە قۇرۇلمىلارنىڭ ئايلىنىدىغان دۈگىلەك قىسمى.
تۈگمەن چاقى. چىشلىق چاق.
قاناتلىق چاق ئارقىلىق يىكنى ئايلاندۇرۇپ يىپ ئېگىرىدىغان تانابلىق ئېگىرىش ئەسۋابى.
چاق ئېگىرمەك.
كېسىدىغان ئەسۋابلارنىڭ تىغىنى ئىتتىكلىتىدىغان، ئۆتكۈر قىلىدىغان قۇم باغلانغان، ئايلىنىدىغان غالتەك.
چاققا تۇتماق. چاققا سالماق.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
شۇچاغ؛ چاق ئول ئاتنى تۇتغىل _ دەل شۇ ئاتنى تۇتقىن؛ چاق ئاماچنى ئۇرغىل _ دەل نىشانغا ئۇرغىن.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
«چاغ» قا قاراڭ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تامامەن، پۈتۈن، تولۇق.