Uyghurئاساسىي لۇغەت
چاغىلادى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
شارقىرىدى.
سۇۋ چاغىلادى _ سۇ شارقىرىدى. « ژاغىلادى»، « شاغىلادى» مۇ دېيىلىدۇ ( شاغىلار _ شاغىلاماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قاتۇن سىنى چۇغىلادى
تاڭۇت بەگىن ياغىلادى
قانى ئاقىپ ژاغىلادى
بويۇن سۇۋىن قىزىل ساغدى
«قاتۇن سېنى چۇقىرىدى،
تاڭغۇت بېگى (بىلەن) دۈشمەنلەشتى؛
قېنى ئېقىپ شاقىرىدى،
بويۇن سۈيىنى قىزىل ساغدى.»
قاتۇن سىنى (تاڭغۇت بىلەن چىن ئارىلىقىدىكى بىر كىچىك شەھەرنىڭ نامى) خەلقى بىلەن تاڭغۇتلار جەڭ قىلىشتى؛ تاڭغۇتلار قاتۇن سىنى خەلقىنى مەغلۇب قىلدى. (شېئىردا) مۇشۇ ئەھۋال بايان قىلىنىدۇ: قاتۇن سىنى خەلقى چۇقان - سۈرەن كۆتۈرۈپ، تاڭغۇت خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ بېگى بىلەن دۈشمەنلەشتى، قانلىرى سۇدەك شارقىراپ ئاقتى، بويۇنلىرىدىن قىزىل سۇ سېغىلدى.
3 - 442