Uyghurئاساسىي لۇغەت
چاغ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ۋاقىت، پەيت.
قايسى چاغ بولدى؟ قاش قارايغان چاغ بولدى.* ئابرويۇڭنى ياشلىقىڭدىن ساقلا، چاپىنىڭنى يېڭى چېغىدىن ( ماقال ).
كۆيگەن كىشىنى بەزلىسەڭ ھەر چاغ،
ھەر سۆزۈڭ قۇيىدۇ ئوت ئۈستىگە ياغ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
چاما، كۈچ _ قۇۋۋەت، مادار، ماغدۇر، قۇرب.
بۇ ئىشنى قىلىشقا مېنىڭ چېغىم يەتمەيدۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
مۆلچەر، بوداق.
چېغىڭدا ئۇ بۈگۈن كەلمەسمۇ؟
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت
دەل، مۇۋاپىق.
بۇ ئۆتۈك پۇتۇمغا چاغ كەلدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت
خۇشال،خۇرسەن، كۆڭۈللۈك.
كۆڭلى چاغ، ۋاقتى چاغ.* ياشلىق ۋاقتىمىزنى چاغ ئۆتكۈزدۇق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
تىركەلمە
ئېھتىمال
ھاۋا بۇزۇق تۇرىدۇ، يامغۇر ياغىدىغان چېغى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىملىق
ئىتنى قوغلاش ئىماسى.
باينىڭ ئىتىنى چاغ دېمەي، مۈشۈكىنى پەش دېمەي كەلسەممۇ ياخشى بولمىدىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ قانچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئۆلچەم.
<كەز>، <پۇرسەت> بىرەر مەقسەتتە پايدىلىنىشقا بولىدىغان بەلگىلىك ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.
<پەيت>، <مومېنت> ۋاقىتقا باغلىق ئوبيېكتىپ شارائىتقا قارىتىلىدۇ.
<چولا> ئېغىز تىلىدا كۆپرەك ئىشلىتى
ۋاقىتتىن ئالتۇن كېلەر، ئالتۇنغا ۋاقىت كەلمەس. ۋاقىت - ئالتۇن. ۋاقتىڭ كەتتى - بەختىڭ كەتتى. ۋاقىتنىڭ ئوشۇقى يوق. تۆت پۇتلۇق ئاتنىڭمۇ مۈدۈرىدىغان چېغى بار. كىمكى كەچۈرمىسە ئۆزگى ئۆزى، كەچۈرمەس ئۆزگىمۇ كەلگەندە كېزى. كەتكەن پۇرسەت قايتىپ كەلمەس. تاڭ ئالدىدىكى پەيت ھەممىدىن قاراڭغۇ بولىدۇ. كەلگەن مومېنتنى قولدىن بەرمە. ئىشچان ھەسەل ھەرىسىنىڭ مۇڭلىنىشقا چولىسى تەگمەيدۇ.
شىۋىلەر
ۋاقىت، دەۋر، پەيت ( ئۇ چاغدا، ئۇ زامانلاردا )؛ مۆلچەر، ئېھتىمال ( بۇ ئىشنى ئۆزەڭ چاغلاپ قىل، ھەققىنى ئۆزەڭ چاغلاپ بەر، . . . كەلگەن چېغى _ كەلگەندۇر )؛ ھال، كۈچ _ قۇۋۋەت ( چېغىڭنى چاغلاپ _ ھالىڭغا قاراپ ئىش قىل )؛ تەييار، ھازىر ( چاغ بولۇپ تۇرۇڭلار _ تەييار بولۇپ تۇرۇڭلار )؛ خۇرسەن، شاد ( قاغىلار « قاق » ئېتىدۇ، ئۆز ۋاقتىنى چاغ ئېتىدۇ _ ماقال ).
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
چاغ، زامان، ۋاقىت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
خۇشال، خۇرسەن، شاد.
كۆڭلى چاغ. ۋاقتى چاغ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دەۋر، مەزگىل، پەيت، ۋاقىت.
تاڭ ئاقارغان چاغ. قاش قارايغان چاغ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
ئىتنى قوغلاش، ھەيدەش ئۈچۈن ئېيتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
دىئال. دەل، ماس، لايىق، خوپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. كۈچ - قۇۋۋەت، قۇربل مادار.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
زامان، دەۋر، چاغ، ۋاقىت، مۇددەت، مەزگىل.