Uyghurئاساسىي لۇغەت
چالماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
باغلىماق، تاقىماق.
ئۇرماق، يىقىتماق:
چالغۇ ئەسۋابلىرىنى چالماق.
2. ساڭا نە بولدى بۇ نە ھالغە قالدىڭ،
مېنى باغرىم بىلەن توفراقغە چالدىڭ.
موللا فازىل.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
باغلىماق؛ تاقىماق؛ ئۇرماق؛ كەسمەك، ئۈزمەك، چاپماق: بەلگەكەمەر چالماق؛ چالغۇ چالماق؛ چالىپ ئۆلتۈرمەك.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئۇرماق، ئېگىلمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ئۇرۇپ، چېكىپ، بېسىپ پۈۋلەپ، سۈركەپ ئاۋاز چىقارماق.
ساز چالماق. دۇتار چالماق.
چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن مەلۇم ئاھاڭ ياكى رېتمگە ئىگە كۈي ھاسىل قىلماق.
قېنى يىگىتلەر باش پەدىگە چالايلى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر نەرسىنى باشقا بىرەر نەرسىگە قوشماق، بىرلەشتۈرمەك، ئارىلاشتۇرماق، قوچۇماق.
تۇخۇم چالماق.