Uyghurئاساسىي لۇغەت
چالما
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاختارمىدىن چىققان مۆنەك نەرسە.
پوققا چالما ئاتساڭ، يۈزۈڭگە چاچرار. بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقماق. بىر داڭگالدا ئككى كەپتەرنى سوقماق. داڭگالنى ساناپ بولغىلى بولماس. كېسەك ئاتقانغا ئېشەك غەم قىلماس. ئاختارمىدىن پامپا تېپىلماپتۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىلقىچىلىق سايمانلىرى، ئات تۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ:
«سالما»، «چالما» مەخسۇس ئارغامچىنىڭ ئۇچىنى ئىلمەك قىلىپ، ئاتقا ئارتىدۇ، ئىلمەك ئاتنىڭ بوينىغا چۈشسە، ئات تۇتۇلىدۇ.
«قۇرۇق»، «سويلا»، «سىرتماق» مەخسۇس ياغاچنىڭ ئۇچىغا سىرتماق يىپ باغلاپ ياسىلىدۇ.
«ئ
شىۋىلەر
لوپنۇر شىۋىسى
ئۇننى سۇغا چېلىپ ئېتىلىدىغان ئۇماچ. مەسىلەن: بۇغداي چالمىسى _ بۇغداي ئۇمىچى.
شىۋىلەر
مال قىغىنىڭ كېسىكى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چالما.
قوي، تۆگە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ماللارنىڭ قىغىدىن قىشتا قالاش ئۈچۈن كېسەكتە قىلىپ قۇرۇتۇلغان تېزەك.
1 - 546
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تەركىبىگە سۇ ئارىلاشقاندىن كېيىن قاتقان توپا، داڭگال، كېسەك.
بىر چالما دېگەننى يەنە بىر ئالما دەر (ماقال).