Uyghurئاساسىي لۇغەت
چاي ئىچۈرمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۇرمۇش قۇرۇشقا ماقۇل بولغان قىزنى رەسمىيەت ئۆتكۈزۈپ ئېنىق بېكىتىپ قويماق.
چىمەنگۈلگە چاي ئىچۈرۈپ قويدۇق، _ دېدى ئان خوشال. پاتىگۈلنىڭ بېشىنى باغلاپ قويغىلى خېلى بولدى، ئەمدى توي تەرەددۇتنى قىلىۋاتىمىز.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
يىگىت تەرەپ قىزس تەرەپكە تويلۇق سوۋغىلىرىنى ئاپىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن قىز تەرەپتە زىياپەت ئۆتكۈزمەك؛ توي قىلىشقا كېلىشمەك؛ قائىدە - يوسۇن بويىچە پۈتۈشمەك: ئەزىمەتنىڭ دادىسى بىلەن گۈلپەرىنىڭ دادىسى ئەزىمەتلەر تېخى كىچىك چاغدىلا چاي ئىچۈرۈپ قويۇشقانىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە تويلۇق سوۋغىلىرىنى ئاپىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن قىز تەرەپتە زىياپەت ئۆتكۈزمەك؛ توي قىلىشقا كېلىشمەك.