Uyghurئاساسىي لۇغەت
چاھار كىتاب
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/274
بۇ ئەسەر مەشھۇر شەخسلەر ھەققىدىكى ھېكايىلار بولۇپ، ئاپتورى: ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 23 × 14 سانتىمېتىر، 144 بەت. چاغاتايچە، ھىجرىيە 1325 - يىلى تاشكەنتتە تاش مەتبەئەدە بېسىلغان نۇسخا.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/763
بۇ كىتابقا تۆت ئەسەر قوشۇپ تۈپلەنگەن. بىرىنچىسى، ئىسلام دىنىنىڭ زۆرۈرى قائىدە - نىزاملىرى، ئىككىنچىسى، ئىسلام ئەقىدىلىرى ھەققىدىكى بايان؛ ئۈچىنچىسى، ھاپىز شىرازىنىڭ <پەندنامە> (نەسىھەتنامە) ناملىق ئەسىرى؛ تۆتىنچىسى، شېئىرىي - نەسرىي ئەسەرلەر بولۇپ، ئاپتورى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 26 × 16 سانتىمېتىر، 200 بەت. پارسچە، مىلادى 1891 - يىلى تاشكەنتتە تاش مەتبەئەدە بېسىلغان.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/1489
بۇ ئەسەر ئەدەب - ئەخلاق مەزمۇن قىلىنغان تۆت پارچە كىتاب بىللە تۈپلەنگەن ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى: مۇھەممەد لىتىپ. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى: ھىجرىيە 1333 - يىلى. فورماتى: 22 × 14 سانتىمېتىر، 119 بەت. پارسچە، تاش باسما.