Uyghurئاساسىي لۇغەت
چاچماق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
يىغىق، توپ نەرسىلەرنى ھەر يەر - ھەر يەرلەرگە بۆلۈۋەتمەك، پۈركىمەك.
يىغماق، توپلىماق
چېچىلاڭغۇ، تارقاق نەرسىلەرنى بىر يەرگە كەلتۈرمەك، جەملىمەك.
ئاتا - ئانا چۈمۈلىدەك يىغىدۇ، بالا توخۇدەك چاچىدۇ. يىغساڭ كۆپ، ئۆلچىسەڭ ئاز. تۇغماس خوتۇن شۈمەك يىغىپتۇ. يېمەي - ئىچمەي توپلىغان، توپلىغاننى سېسىتار. يېمەي يىغقاننىڭ يېگۈچىسى چىقار، كىيمەي توپلىغاننىڭ كىيگۈچىسى. كوچىغا سۇ چېچىپ، سۈپۈرۈپ تۇرۇش مەدەنىيەتلىكنىڭ بىر بەلگىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
مەلۇم سۇيۇقلۇقنى سەپمەك، پۈركىمەك.
سۇ چاچماق. ئەتىر چاچماق.
مەلۇم نەرسىنى تارقىتىپ چۈشۈرمەك.
ئۇرۇق چاچماق. ئوغۇت چاچماق.
تەقسىم قىلماق.
بۇ ئولتۇرۇشنىڭ پۇلىنى كىشى بېشىغا چاچقاندا 12 كويدىن توختىمايدۇ.
بەتخەجلىك قىلماق، زايە قىلماق، ئىسراپ قىلماق.
- باياشات بولدى دەپلا بۇزدى - چاچتى قىلىشقا بولمايدۇ، - دېدى ئۇ كۆپچىلىككە.
كۆچمە. تارقاتماق، سىڭدۈرمەك، يۇقتۇرماق.
ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق نادانلىق ۋە جاھالەت ئۇرۇقىنى چاچىدىغان بىلىمسىز كىشىدە ئوقۇمىساڭمۇ بولىدۇ.
كۆچمە. تاراتماق، يايماق.
گۈل بۇ بىر جۈپ قىز - يىگىتنى تەبرىكلەۋاتقاندەك، ئەتراپقا خۇش پۇراق چاچماقتا ئىدى.
كۆچمە. بۆلمەك، قاچۇرماق، تارقاتماق.
شۇ چاغدا شۇپۇر ئۇنىڭ پىكرىنى چېچىۋەتتى.
كۆچمە. يالتىراتماق، پارلاتماق.
ئۇنىڭ بوينىدا ھېلىقى مېدالىئون نۇر چېچىپ تۇراتتى.