Uyghurئاساسىي لۇغەت
بىئوئېنېرگېتىكا
بىئولوگىيە
جانلىقلار تېنىدىكى ئېنېرگىيىنىڭ ساقلىنىشى، قويۇپ بېرىلىشى، ئۆتكۈزۈلۈشى، ئايلاندۇرۇلۇشى، سەرپ قىلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. مەسىلەن، قۇياش ئېنېرگىيىسىنىڭ خلوروپلاستىنىڭ تەسىرىدە خىمىيىلىك ئېنېرگىيىگە ئايلىنىشى، جانلىقلار تېنىدىكى خىمىيىلىك ئېنېرگىيىنىڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى ۋە مېخانىكلىق ئېنېرگىيىگە ئايلىنىشى، ياكى جانلىقلار تېنىنىڭ خىمىيىلىك ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىپ ماددىلارنى بىرىكتۈرۈش ۋە مېخانىكىلىق ھەرىكەتلىنىشى قاتارلىق ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ.