Uyghurئاساسىي لۇغەت
بىئو توك
پسىخولوگىيە
نېرۋا تالاسىدىكى مەپىي پوتىنسىئالنىڭ ئۆزگىرىشىدۇر. نېرۋا توقۇلمىسى ئىككى ئاساسىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇنىڭ بىرى قوزغىلىش يەنە بىرى ئۆتكۈرۈش. نېرۋا تالاسىنىڭ بىر قىسىمىدا قوزغىلىش يۈز بەرگەندە، ئۇنىڭ قوزغىلىش يۈز بەرمىگەن قىسىمىدا مەپىي پوتىنسىئال بولىدۇ. بۇ خىل پوتىنسىئالنىڭ ئۆزگىرىشى بىئوتوك ياكى كىنېتىك توك دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ نېرۋا قوزغىلىشنى تەتقىق قىلىشنىڭ بىر خىل كۆرسەتكۈچىدۇر.