Uyghurئاساسىي لۇغەت
بىئولوگىىيىلىك ئۇسۇلدا ئالدىنى ئېلىش
بىئولوگىيە
زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسىغا كەڭ تارقالغان تەبىئىي كۈشەندىلىرىدىن پايدىلىنىپ، سوت كىرگۈزۈش، كۆندۈرۈش، ئوزۇقلاندۇرۇش، قويۇپ بېرىش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ زىيانداش ھاشاراتلارنى تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈنۈمى يۇقىرى زەھىرى تۆۋەن، قالدۇق زەھىرى تۆۋەن دېھقانچىلىق دورىلىرى ۋە پۈركۈپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەبىئىي كۈشەندىلەرنىڭ ئۆلۈشى ۋە مۇھىتنڭ بۇلغىنىشىنى ئازايتىشتىن ئىبارەت. دۆلىتىمىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىنچىكە بەللىك ھەرە، قىزىل كۆز ھەرە قاتارلىق تەبىئىي كۈشەندىلەردىن پايدىلىنىپ، قىزىل كۆسەك قۇرتى، كۆممىقۇناق كېپىنىكى، قارىغاي قۇرتى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە خۇشاللىنىارلىق تەنىجىلەرگە ئېرىشتى. ھەمدە قىزىل كۆز ھەرىنى پارازىت ئىگىسى تېنىدە تۇخۇمىتىشنى تەتقىق قىلىپ سۈنئىي ئۇسۇلدا ياساپ، قىزىل كۆز ھەرىنى كەڭ كۆلەمدە كۆپەيتىشنى زاۋۇتلاشتۇرۇشقا شارائىت يارىتىپ بەردى. ھازىر بىئولوگىيىلىك ئالدىنى ئېلىش خىزمىترى كۈندىن - كۈنگە ئېتىبارغا ئېرىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، نۇرغۇنلىغان ئورگانىك خلورلۇق دېھقانچىلىق دورىلىرى پايدىلىق جانلىقلارمۇ ئۆلتۈرۈپ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى بۇزىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، زىيانداش ھاشاراتلار قۇترايدۇ، ئۇلارنىڭ دورىغا قارشى تۇرۇشچانلىقى ئېشىپ مۇھىتنى بۇلغايدۇ، ئادەم، چارۋا مال ۋە باشقا ھايۋان ئۆسۈملۈكلەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، فىزىكا، خىمىيە ۋە دېھقانچىلىق تېخنىكىسى بىلەن بىئولوگىيىلىك ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇملاشتۇرۇپ ئالدىنى ئېلىش - بۇنىڭدىن كېيىنكى زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى.