Uyghurئاساسىي لۇغەت
بىئولوگىيىلىك ئوكسىدلىنىش
دائىرە: بىئولوگىيەھۈجەيرىدىكى مېتابولىزمدا ئورگانىك ماددىلارنىڭ ئوكسىدلىنىشى ھەمدە ئېنېرگىيە ھاسىل بولۇش جەريانىدۇر. ھۈجەيرىدە بىئولوگىيىلىك ئوكسىدلىنىش ئېلىپ بېرىلغاندا، ئوكسىگېننىڭ سەرپ قىلىنىشىغا ئەگىشىپ كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى ۋە سۇ چىقىرىلغانلىق سەۋەبىدىن <ھۈجەيرە نەپەسلىنىشى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياكى <ھۈجەيرىدە ئوكسىدلىنىش> دېيىلىدۇ. بىئولوگىيىلىك ئوكسىدلىنىش ئاساسەن ئىككى خىل ئۇسۇلدا بولىدۇ: (1) ئوكسىگېنگە ئېھتىياجلىق ھۈجەيرە نەپەسلىنىشىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار قەنتلەرنىڭ ئېچىپ پارچىلىنىش يولى بويىچە ئۈچ كاربوكسىللىق كىسلاتالارنىڭ ئايلىنىشىدا ئوكسىدلىنىدۇ، ئېلېكترونلار ھۈجەيرە پىگمېنتلىق ئېلېكترون يەتكۈزۈش سىستېمىسى ئارقىلىق ئوكسىگېنگە يەتكۈزۈلىدۇ. قويۇپ بېرىلگەن ئېنېرگىيە ئوكسىدلىنىش - فوسفاتلىنىش ئارقىلىق ATP گە سىنتېزلىنىدۇ. (2) ئورگانىزمدىكى باشقا ھەر قانداق ئوكسىدلىنىش - ئوكسىدسىزلىنىش رېئاكسىيىلىرى. بىرىنچى خىل ئۇسۇلنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى: a. بەدەن تېمپېراتۇرىسىدا، ئېنزىملارنىڭ تېزلىتىشىدىكى بىر قاتار رېئاكسىيىلەر ئارقىلىق تەدرىجىي ئوكسىدلىنىپ، قېتىملارغا بۆلۈنۈپ ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا ئېنېرگىيىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. b بىئولوگىيىلىك ئوكسىدلىنىشتا قويۇپ بېرىلگەن ئېنېرگىيە يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك فوسفاتلىق بىرىكمە ياكى باشقا يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك بىرىكمىلەرنىڭ خىمىيىلىك باغ ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇۇرلۇپ، ئاندىن كېيىن ATP بولېكۇلىسىدا زاپاس ساقلىنىدۇ
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.