Uyghurئاساسىي لۇغەت
بېۋان
دۇنيا تارىخى
(1897 - 1960) ئەنگلىيە لېيبورىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى. ۋېلىستا تۇغۇلغان. كۆمۈركان ئىشچىلىقىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1919 - 1921 - يىللىرى مەركىزىي ئەمگەك شۆيۈەنىدىن سىياسەت ۋە ئىقتىساد ئۆگەنگەن. 1929 - 1960 - يىلىغىچە تۆۋەن پالاتادا لېيبورىستلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1934 - 1935-يىللىرى لېيبورىستلار پارتىيىسىنىڭ سل قانات گېزىتى <ئەپكار گېزىتى> دە باش تەھرىرلىك قىلغان. 1945 - 1951- يىللىرى لېيبورىستلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت ئۈستىدە بولغان مەزگىلىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سەھىيە، ئەمگەك ۋە مىللىي ھەربي خىزمەت ۋەزىرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن. كېيىن فېدېراتىپ گېرمانىيىنى قايتىدىن قوراللاندۇرۇش ۋە جامائەت پاراۋانلىق فوندىنى كېمەيتىشكە قارشى تۇرۇپ خىزمىتىدىن ئستېپا بەرگەن. 1956-يىلى لېيبورىستلار پارتىيىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ خەزىنىسىنى باشقۇرغان. <بېۋان تەرجىمىھالى> دېگەن ئەسىرى بار.