Uyghurئاساسىي لۇغەت
بېيجۇاڭ سۈلۈكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى خۇفىيە سۈلۈكىنىڭ شۆبىسى ھېسابلىنىدۇ. گەنسۇ لىنشادىكى دۇڭشياڭ مىللىتى مۇسۇلمانلىرى بۇ سۈلۈككە ئەگەشكەن بولۇپ، بۇ مىللەتنىڭ ئەڭ چوڭ سۈلۈكى ھېسابلىنىدۇ. بۇ سۈلۈكنى دۇڭشياڭ (شەرقىي يېزا) چۈنتەي بېيجۇاڭدىكى دۇڭشياڭ مىللىتىدىن بولغان ماباۋجىن (1772 - 1826) قۇرغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ماباۋجىن شىنجاڭدىكى يەكەن خانىقاسىدا تەلىم ئېلىپ، خۇفىيە ئەقىدىسىنى ۋە ئىبادەت يوللىرىنى ئۆگەنگەن ھەمدە دىننى تەرغىب قىلىشقا خەت ئالغان. جياچىڭنىڭ 19 - يىلى (1814) مەككىگە بېرىپ، ھاجى بولۇپ كەلگەن. ئاندىن بېيجۇاڭدا دىننى تەرغىب قىلىپ، غەربىي شىمالىدىكى ھەر قايسى جايلارغا تەسىر كۆرسەتكەن.