Uyghurئاساسىي لۇغەت
بۇرج
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قۇياشنىڭ يىللىق ھەرىكەت يولىنى بويلاپ جايلاشقان ئون ئىككى يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ يىغىنىدىسى ۋە ئۇلارنىڭ ھەر بىرى:
سېپىلنىڭ چوقچىيىپ تۇرغان تۆت بۇرجىكى، مۇنار:
1. تەۋسەنى دەۋلەت ئۆزە مىنسەڭ سەن، ئەي خۇرشىدى فەر،
قىلغۇدەكسەن سەير بەزمىدە بۇ ئون ئىككى بۇرج.
قەلەندەر.
2. ئۈزۈك بىلە توننى سالىپ دۇرج ئارا،
ھەمەل دۇرجىنى ھەم قويۇپ بۇرج ئارا.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سېپىلنىڭ چوخچىيىپ تۇرغان تۆت بۇرجىكى؛ قەدىمقى ئاسترونومىيىدە قۇياشنىڭ يىللىق ھەركەت دائىرىسىدىكى ئون ئىككى نۇقتىنىڭ ھەر بىرى: بۇرجى ئاب - جەدى، دەلۋ، ھوت جۇرچىلىرى يەنى قىش ئايلىرى؛ بۇرجى ئاتەش - ساراتان، ئەسەد، سۇنبۇل بۇرجلىرى يەنى ياز ئايلىرى دېگەنگە ئوخشاش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئاسترونومىيە
قۇياشنىڭ يىللىق ھەرىكەت يولىنى بويلاپ جايلاشقان ئون ئىككى يۇلتۇزلار تۈركۈمىنىڭ جىمىسى ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىرى.