Uyghurئاساسىي لۇغەت
بۇرچ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ئىشلەيدىغان، مەلۇم كۆلەم ۋە سىستېمىغا ئىگە، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەت.
<ئىش> ئەڭ ئومۇمىي.
<يۇمۇش>، <ئىشكۈچ>، <كار> ئادەتتىكى، شەخسكە دائىر ئومۇمىي ئىشقا قارىتىلىدۇ، كۆپىنچە ئېغىز تىلىدا ئىشلىتىلىدۇ.
<خىزمەت>، <ۋەزىپە> ئۆتەش
ئىش بار يەردە ئاش بار. ئىشى يوقنىڭ ئېشى يوق، ئېشى يوقنىڭ كارى يوق. كارى يوقنىڭ جېنى يوق. كارىڭ بولمىسۇ. يۇمۇش تەننى ھاردۇرغىنى بىلەن، كۆڭۈلنى شاد قىلىدۇ. ھېچبىر ئىشكۈچ يوق، بىكار يۈرۈشتىن ئېغىر ئىش يوق. ھەركىم بىر مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىشى لازىم. خىزمەت چاقچاقنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئالغان ۋەزىپىنى ئورۇنلاش قەرز. ئادەمنىڭ بۇرچى ھەقىقەت ئىزدەش. بۇرچىنى ئادا قىلمىغان كىشى - ساينىڭ تېشى. ھەر ئەمەلنىڭ بىر ۋاقتى، ھەر ۋاقىتنىڭ بىر ئەمىلى بار. ئەمەلى يوق سوپىدىن تۇخۇم تۇغىدىغان توخۇ ياخشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مەجبۇرىي ئۆتەشكە، ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپە.
ۋەتەننى قوغداش ھەرقانداق ئادەمنىڭ مۇقەددەس بۇرچى.