Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بۈيۈك شاھ ئالفرېد
دۇنيا تارىخى
阿尔弗烈德大王
ā ěr fú liè dé dà wáng
(849-899)ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەنگىلىيە سېسىسېكىس بەگلىكىنىڭ كورۇلى (871-899). ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئەنگىلىيىنىڭ كۆپ قىسمىنى بېسىۋالغان. دانىيىلىكلەر بىلەن جەڭ قىلغان. مىلادى 871-يىلى ۋىلتون جېڭىدە مەغلۇپ بولغان. كېيىن ئارمىيىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئۇرۇش كېمىسى ۋە قورۇللارنى ياسىتىپ، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، بىر قىسىم زېمىنلىرىنى قايتۇرۋالغان. 878-يىلى ئىسسىدان جېڭىدە دانىيە ئارمىيىسىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان. ئىككىنچى يىلى ئىككى تەرەپ سۈلھ قىلىشىپ، <ۋېدمور سۈلھ شەرتنامىسى>نى ئىمزالىغان. ئۇنىڭدا ۋاتلىڭ يولىدىن چېچىستېرغىچە بولغان جاينى پاسىل قىلىپ ئەنگىليىنى ئىككى قىسىمغا ئايرىپ، غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا سېسىسېكىس بەگلىكى ھۆكۈمرانلىق قىلىش، شەرقىي شىمالىي قىسمىنى دانىيىلىكلەر ئىگىلەش بەلگىلەنگەن. ئۇ يەنە ئاقسۆڭەك پەرزەنتلەر مەكتىپى تەسىس قىلىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنى دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلغان؛ ئالىملارنى تەشكىللەپ بەزى لاتىنچە ئەسەرلەرنى قەدىمكى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرغان، ئۆزىمۇ بۇ ئىشقا قاتناشقان، يەنە پەرمان چىقىرىپ قانۇن ۋە <ئانگلوساكسون يىلنامىسى>نى تۈزگەن.