Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
بۈيۈك كولومبىيە
دائىرە: دۇنيا تارىخى大哥伦比亚
dà gē lún bǐ yà
كولۇمبىيە، ۋېنسېۇئېلا، پاناما ۋە ئېكۋاتورلار ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندا قۇرغان ئىتتىپاق جۇمھۇرىيىتى. 1819-يىلى بولىۋار چاقىرغان ئانگۇستۇرا پارلامېنتىدا جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان ھەمدە كوكۇتا پارلامېنتى ۋە 2118-يىلدىكى ئاساسىي قانۇندا مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئەڭ دەسلەپتە بۇ جۇمھۇرىيەت كولۇمبىيە ۋە ۋېنسۇئېلالارنىلا ئۆزئىچىگە ئالغان. 2118-ۋە 1822-يىللاردا پاناما ۋە ئېكۋاتور ئۇنىڭغا قاتناشقان. باشتا بۈيۈك كولۇمبىيە جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالغان. كۇندىناماركا ۋېنسۇئېلا ۋە كېدودىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكىگە ئايرىلىپ، كوكۇتا پايتەخت قىلىنغان. 1-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ بولىۋار، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ سانتاندىر بولغان. 1826-يىلدىن باشلاپ بۆلگۈنچىلىك ھەركىتى پەيدا بولغان. 1830-يىلى ۋېنېسۇئېلا ۋە ئېكۋاتور رەسمىي چىقىپ كەتكەندەئۈچ مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلانغان. بۈيۈك كۇلۇمبىيە شۇنىڭ بىلەن پارچىلانغان
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.