Uyghurئاساسىي لۇغەت
بېشىنى ئىككى قىلىپ قويماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوغۇل - قىز، ئەر - خوتۇننى بىر - بىرىگە نىكاھلاپ تۇرمۇشلۇق قىلىپ قويماق.
ئۇ ئىككىسى بىر - بىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ئوخشايدۇ، ۋاقتىدا بېشىنى چېتىپ قويايلى. خەلق ئىچىدە «بېشىڭ ئىككى بولمىغۇچە، قاچاڭ ئىككى بولماس» دېگەن گەپ بار. ئەمدى بېشىڭنى ئىككى قىلىپ قويايلى. پادىشاھ 40 كېچە كۈندۈز توي قىلىپ، ئىككىسنىڭ بېشىنى قوشۇپ قويۇپتۇ.
دائىرە: ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەرئوغۇل بولسا ئۆيلەپ، قىز بولسا ياتىلىق قىلىپ قويماق: - داۋۇت ئاكام سەپەرگە چىقىش ئالدىدا غالىنىڭ بېشىنى ئىككى قىلىپ قويماقچى بولغانىدى، لېكىن ئۈلگۈرەلمەي قالدى، - دېدى ئۇ ساۋۇت ئاكىغا.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.