Uyghurئاساسىي لۇغەت
بېشىنى سىلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆڭۈل بۆلۈپ ئاسرىماق، تەربىيلىمەك.
ئاجىز - مېيىپلارغا غەمخورلۇق قىلىش _ گۈزەل ئەخلاق. بارلىق بولساڭ بېشىڭنى سىلايدۇ، يوقلۇق بولساڭ بېشىڭ سىغمايدۇ. يامان بېشىنى سىلىغاننى بىلمەيدۇ. ئاتىدارچىلىق قىلغاننى ئاتاڭدىن ئەزىز بىل. خەۋەندىخاھلىق قىلغان كىشىدىن مىننەت چىقمايدۇ. كەمبەغەل - يوقسۇللارغا خەيرىخاھلىق قىلىشىمىز لازىم.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
غەمخۇرلۇق، ياخشىلىق قىلماق، ئۆز پاناھىغا ئېلىپ تەربىيىلىمەك، باقماق: ئاغىچا ئانا ئۆزۈڭ سىلا بېشىمنى، يارنىڭ گۈلى كەلدى ئۆزى كەلمىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
غەمخورلۇق، ياخشىلىق قىلماق؛ ئۆز پاناھىغا ئېلىپ تەربىيىلىمەك، باقماق.
ئۇ ئادەم مەھەللىمىزنىڭ سۇڭقارى ئىدى. رەھمىتى بىزنىڭ يۆلەنچۈكىمىز، بېشىمىزنى سىلايدىغان ئاتىمىز ئىدى.